جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى ئالدىنقى يېرىم يىلدا %9.4 ئاشتى

62ce31a2a310fd2bec95fee8

(مەنبە chinadaily.com.cn دىن ئېلىندى)

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى 2022-يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئېشىپ، 19 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن (2 تىرىليون 940 مىليارد دوللار) غا يەتكەن.

ئېكسپورت سوممىسى 11 تىرىليون 140 مىليارد يۈەن بولۇپ، يىللىق نىسبەتتە %13.2 ئاشقان، ئىمپورت سوممىسى 8 تىرىليون 660 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن %4.8 ئاشقان.

ئىيۇن ئېيىدا، دۆلەتنىڭ تاشقى سودىسى ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %14.3 ئاشتى.


ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى