جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى دەسلەپكى 10 ئايدا ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىدى

(مەنبە www.news.cn دىن ئېلىندى)

 

جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى 2021-يىلىنىڭ دەسلەپكى 10 ئېيىدا ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىدى.

تاموژنا باش ئىدارىسى (GAC) يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا، جۇڭگونىڭ ئالدىنقى 10 ئايدا ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.2 ئېشىپ، 31 تىرىليون 670 مىليارد يۈەن (4 تىرىليون 890 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) غا يەتكەنلىكى بايان قىلىندى.

GAC نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ سان 2019-يىلدىكى يۇقۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيىدىن %23.4 ئاشقان.

ئېكسپورت ۋە ئىمپورت بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 10 ئېيىدا ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئېشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا %22.5 ۋە %21.8 ئاشتى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت ئۆكتەبىردىلا، دۆلەتنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.8 ئېشىپ، 3 تىرىليون 340 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، بۇ سېنتەبىردىكىدىن %5.6 تۆۋەن.

يانۋاردىن ئۆكتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ ئۈچ چوڭ سودا شېرىكى - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىسى مۇقىم ئېشىشنى ساقلىدى.

بۇ مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ ئۈچ سودا شېرىكى بىلەن بولغان سودا قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %20.4، %20.4 ۋە %23.4 بولدى.

تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىسى ئوخشاش مەزگىلدە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشقان.

خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئىمپورت ۋە ئېكسپورت سوممىسى دەسلەپكى 10 ئايدا %28.1 ئېشىپ، 15 تىرىليون 310 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %48.3 نى ئىگىلىدى.

بۇ مەزگىلدە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى %25.6 ئېشىپ، 4 تىرىليون 840 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

ماشىنىسازلىق ۋە ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى دەسلەپكى 10 ئايدا كۈچلۈك ئېشىشنى كۆرسەتتى. بۇ مەزگىلدە ئاپتوموبىل ئېكسپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %111.1 ئاشتى.

جۇڭگو 2021-يىلى تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى سودا شەكىللىرى ۋە ئۇسۇللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، چېگرا سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پورتلاردىكى سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە سىناق ئەركىن سودا رايونلىرىدا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر بار.

 


ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى